2017-يىللىق كۈز پەسىللىك 740 مىڭ يۈەنلىك 2-نۆۋەتلىك تۆت ئۆتكەللىك تېبى ھالقىسى كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسى
كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى باراۋەر، ئادىل، ئاشكارا، سەمىمىي بولۇپ، كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 2017-يىلى كۈز پەسىللىك تۇنجى نۆۋەتلىك تۆت ئۆتكەللىك تېبى ھالقىسى كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سۇپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ. بىز يەنىلا كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چوڭ بىلىمىز، كەپتەر ھەۋەسكارلىرىغا مەسئۇل بولىمىز، مۇسابىقىگە مەسئۇل بولىمىز، مۇسابىقىنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرىمىز، مۇسابىقىنى ئەڭ ئاشكارا، ئەڭ ئادىل، ئەڭ باراۋەر ئۇيۇشتۇرىمىز، ئەڭ قىزغىن مۇلازىمەت بىلەن كەپتەر ھەۋەسكارلىرىغا جاۋاب قايتۇرىمىز. «قولىمىزدىن كەلمىسە قىلمايمىز، قىلساق ئەڭ ياخشى قىلىمىز»، بۇ دەل بىز چىڭ تۇرىدىغان قەسەم ھەم ۋەدە!
بىرىنچى، مۇسابىقە ئارىلىقى، ۋاقتى، تۈرى
1. مۇسابىقە ئارىلىقى: 300km، 400km، 500km، 530km،
2. مۇسابىقە ۋاقتى: 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 11-ئاينىڭ بېشىغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ
مۇسابىقە تۈرى: (1) تۆت ئۆتكەللىك تېبى ئۇنىۋېرسال مۇسابىقىسى
(2) تۆت ئۆتكەللىك تېبى ئۇنىۋېرسال كوللېكتىپ مۇسابىقىسى
ئىككىنچى، ھالقا سېتىش شەكلى
(1) تۆت ئۆتكەللىك تېبى مەخسۇس ھالقىسىنىڭ دانىسى 120 يۈەن؛ ئىزاھات: ئاز بولغاندا 10 دانە سېتىلىدۇ، كۆپ سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلمايدۇ، 10 دانىدىن ئاشقاندا خالىغان سان بويىچە سېتىۋالغىلى بولىدۇ. تېبى ھالقىسى ۋە مېتالدىن ياسالغان ئىچكى ھالقىنى چوقۇم مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ ئوخشاش بىر پۇتىغا تاقاش كېرەك، مېتالدىن ياسالغان ئىچكى ھالقىنىڭ گىرۋىكى ئاستىغا قارايدۇ، بولمىسا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ.
(2) تۆت ئۆتكەللىك تېبى مەخسۇس ھالقىسىدىن 50 دانە سېتىۋالغانلار بىر كوللېكتىپ سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، مۇشۇ قائىدە بويىچە داۋاملىشىدۇ. (بىرىنچى ئۆتكەلدە قەپەسكە سولىغاندا تېبى كوللېكتىپ مۇسابىقە تىزىملىكىنى تولدۇرۇش كېرەك).
(3) ئىزاھات: تۆت ئۆتكەللىك تېبى مەخسۇس ھالقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر ئارىسىدا ئادەتتىكى مۇسابىقىدىن ئىككى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر بار بولسا، چوقۇم كەپتەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كېرەك، قاتنىشىدىغان مۇسابىقىنى ئۆزى تاللاشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدۇ، ھەربىر ئۆتكەل تېبى مەخسۇس ھالقىسى ئادەتتىكى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن كەپتەر ئۇچۇرۇش جەدۋىلىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، مۇكاپاتنى تەقسىملەش
(1) تۆت ئۆتكەل تېبى كەپتەر پادىشاھى ئۇنىۋېرسال مۇسابىقىسى (605000 يۈەن)
چېمپىيون 50000 يۈەن، 2-دەرىجە 30000 يۈەن، 3-دەرىجە 20000 يۈەن، 4-10 دەرىجە 5000 يۈەن، 11-50 دەرىجە 3000 يۈەن، 51-400 دەرىجە 1000 يۈەن.
(2) تۆت ئۆتكەل تېبى كەپتەر پادىشاھى ئۇنىۋېرسال كوللېكتىپ مۇسابىقىسى (135000 يۈەن)
چېمپىيون 20000 يۈەن، 2-دەرىجە 12000 يۈەن، 3-دەرىجە 8000 يۈەن، 4-10 دەرىجە 5000 يۈەن، 11-30 دەرىجە 3000 يۈەن.
(3) تۆت ئۆتكەللىك تېبى ئۇنىۋېرسال كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسىنىڭ ئىسىم تەرتىپىنى باھالاش:
مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەربىر كەپتەرنىڭ ھەربىر ئۆتكەلدىكى كۈچكە ئىگە سۈرئىتى ئۆزئارا قوشۇلىدۇ، ھەربىر ئۆتكەلدىكى سۈرئىتى تېز بولغانلارنىڭ ئىسمى ئالدىغا تىزىلىدۇ، ئومۇمىي سۈرئىتى ئوخشاش بولسا، تۆتىنچى ئۆتكەلدە سۈرئىتى تېز بولغانلارنىڭ ئىسمى ئالدىغا تىزىلىدۇ.
(4) تۆت ئۆتكەل تېبى ھالقىسى كوللېكتىپ كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسىنىڭ ئىسىم تەرتىپىنى باھالاش:
300km، 400km، 500km، 530km تۆت ئۆتكەل مۇسابىقىدە ئۇنىۋېرسال ئالدىنقى 400 نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى كۆپ بولغان كوللېكتىپ ئۇتقان بولىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى 2 دىن كەم بولۇشقا بولمايدۇ (2 نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى ئوخشاش بولسا، تۆت ئۆتكەل تېبى ئۇنىۋېرسال مۇكاپاتقا ئېرىشىش تىزىملىكىدە قايسىسىنىڭ ئىسمى ئالدىغا تىزىلغان بولسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ.
تۆتىنچى، مۇسابىقە قائىدىسى
(1) تۆت ئۆتكەللىك تېبى ھالقىسى كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسىدە كەپتەر ئۇچۇرغان كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 دىن بۇرۇن ئۇۋىسىغا قايتىپ كېلىپ سائىتى پېچەتلەنگەن بولسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كەپتەر ئۇچۇرغان كۈنى سائەت 20:00 دىن كېيىن قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ تۆت ئۆتكەل تېبى ئۇنىۋېرسال ئىسىم تەرتىپىنى باھالاش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
(2) ئەگەر بىرىنچى ئۆتكەلدە شۇ كۈنى تۆت ئۆتكەل تېبى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەردىن بىرىمۇ قايتىپ كەلمىسە مۇسابىقە ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ، تۆت ئۆتكەل تېبى ھالقىسىنى سېتىۋالغان پۇل قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئىككىنچى ئۆتكەلدە شۇ كۈنى تۆت ئۆتكەل تېبى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەردىن بىرىمۇ قايتىپ كەلمىسە مۇسابىقە ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ، تۆت ئۆتكەل تېبى ھالقىسىنى سېتىۋالغان پۇل قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئۈچىنچى ئۆتكەلدە شۇ كۈنى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەردىن بىرىمۇ قايتىپ كەلمىسە، ئالدىنقى ئىككى ئۆتكەلدىكى ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ، مۇشۇ قائىدە بويىچە داۋاملىشىدۇ.
(3) ئەگەر تۆتىنچى ئۆتكەل مۇسابىقىدە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەر سانى 200 گە توشمىسا (200 نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۆت ئۆتكەل كەپتەر پادىشاھى مۇكاپاتى قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ تۆت ئۆتكەلدىكى ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى ئاساس قىلىنىپ ئىسمى ئالدىدا بولغانلار ئۇتقان بولىدۇ، ئېشىپ قالغان مۇكاپات سوممىسى تۆتىنچى ئۆتكەل تېبى قەپەسكە سولانغان كەپتەرلەرگە ئوخشاش تەقسىم قىلىنىدۇ، تۆت ئۆتكەلدىكى ئۇنىۋېرسال مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس (ئىزاھات: چوقۇم ئالدىنقى ئۈچ ئۆتكەلدە شامال سۈرئىتى كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك). ئەگەر 4-ئۆتكەل مۇسابىقىدە بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەر سانى 200 دىن ئېشىپ كەتسە، 400 دىن كەم بولسا، تۆت ئۆتكەل تېبى كەپتەر پادىشاھى مۇسابىقىسىدىكى قوبۇل قىلىش سانى توشمىغان بولسا، تۆت ئۆتكەل تېبى كەپتەر پادىشاھى مۇكاپاتى ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ تۆت ئۆتكەلدىكى ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى ئاساس قىلىنىپ ئىسمى ئالدىدا بولغانلار ئۇتقان بولىدۇ، ئېشىپ قالغان بارلىق مۇكاپات سوممىسى تۆت ئۆتكەل تېبى كەپتەر پادىشاھى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كەپتەرلەرگە ئوخشاش تەقسىم قىلىنىدۇ (كوللېكتىپ مۇكاپاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
(4) كورلا شەھىرى تۆت ئۆتكەل تېبى ھالقىسى كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسى پەقەت تۆت ئۆتكەللىك تېبى (مەخسۇس ھالقىسى) بىلەن چەكلىنىدۇ.
(5) بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە قائىدىسىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىدە تىزىمغا ئالدۇرغان ئەزالار ھالقا سېتىۋېلىپ قاتنىشالايدۇ، ھەقىقىي نام بىلەن ھالقا سېتىۋېلىش كېرەك، تۆت ئۆتكەل تېبى ھالقىسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ھالقىنى قايتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. تۆت ئۆتكەللىك تېبى ھالقىسىنى سېتىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى.
بەشىنچى، باشقا ئىشلار
(1) بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 2015-يىلى جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى تارقاتقان «پوچتا كەپتەرلىرىنى ئۇچۇرۇش قائىدىسى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى» قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. كەپتەرلەرنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپاتىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كەپتەر ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئولىمپىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش نىزامى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
(2) بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە نازارەت ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ، 5 نەپەر ۋەكىل سايلىنىپ ھەر قايسى مۇسابىقىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ. ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە نازارەت ھەيئىتى كەم دېگەندە 2 ئادەمنى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ كەپتەر ئۇچۇرۇشنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
(3) مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرنىڭ ئىگىسى چوقۇم كەپتەر جەمئىيىتى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان «يۈنفېي» ماركىلىق ئېلېكتىرونلۇق سىكاننېرلاش كەپتەر سائىتىنى ئىشلىتىشى لازىم. «يۈنفېي» ئېلېكتىرونلۇق سىكاننېرلاش كەپتەر سائىتىدىن مەسىلە كۆرۈلگەنلەر كەپتەر جەمئىيىتىگە بېرىپ «يۈنفېي» سىكاننېرلاش سائىتىنى مەلۇم قىلىدىغان ۋاقىت شەھەر رايونىدا 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، شەھەر ئەتراپىدا (شەرقىي ۋوگزال، گۇڭسەنتۇەن، تەرەققىيات رايونى، 28-تۈەن، غەربىي ۋوگزال) دا 120 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 501، تاشدەن قاتارلىق جايلاردا 150 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، (بىرىنچى قېتىم سائەت تاقاپ يوللىغاندا) ئەگەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بارلىق نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
(4) تەبىئىي ئاپەت، ئېغىر ۋابا، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرسە كورلا شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتى مۇسابىقە نازارەت قىلىش ھەيئىتى مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى كەينىگە سۈرۈشنى قارار قىلىدۇ.
(5) مۇسابىقىنىڭ ئادىل، باراۋەر، ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نازارەت قىلىش ھەيئىتى، كېسىم ھەيئىتى، رېپىرلار ھەيئىتىنىڭ ئىسىملىكىنى كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى بېكىتىدۇ، مۇسابىقىدە كەپتەر يىغىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزالارنىڭ مۇسابىقىدىكى نەتىجىگە پىكرى بولسا، چوقۇم مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ 24 سائەت ئىچىدە يازما شەكىلدە كېسىم ھەيئىتىگە ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە 500 يۈەن شىكايەت قىلىش ھەققى تاپشۇرۇشى، ئىسپات تاپشۇرۇشى لازىم، كېسىم ھەيئىتى ئاخىرقى كېسىمنى چىقىرىدۇ.
(6) كېسىم ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى. گۇڭ خوۋيى (شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى)، جاڭ زېلىياڭ (ئوبلاستلىق كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)، خې بىن (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)، جاۋ چۈەنشېڭ (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)، (جياۋ جېڭرۇڭ (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)، ئىلھام (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)، ھاشىم (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى).
(7) A، B ئىككى كاتەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كەپتەر جەمئىيىتى تۆت ئۆتكەل تېبى ماھىرلار مەخسۇس ھالقىسى تاقالغان مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى قەرەلسىز تەكشۈرىدۇ، ئىككى قېتىمدا كەپتەر تەكشۈرۈشنى سەۋەبسىز رەت قىلغانلارنىڭ تۆت ئۆتكەل تېبى ھالقىسى مەخسۇس ھالقا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
(8) كەپتەر يىغىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش قاتارلىق باشقا ئىشلاردا كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ 2017-يىللىق كۈز پەسىللىك ئادەتتىكى مۇسابىقە قائىدىسى ئاساس قىلىنىدۇ.
(9) بۇ قائىدىنى ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىگە تەۋە، بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە يوللىنىپ ئەنگە ئېلىنىدۇ.
كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى
|
|
|
|
|
|